بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى

ياپونىيە، ئالجىرىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى.

2017097
بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاكاخىكو كاتسۇماتا، ئالجىرىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامار بېلانى ۋە ئىراننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد ھەسەن ھەبىبۇللاھزاد تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە باش ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلدى؛ باش ئەلچىلەر ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى ۋە بىر قىسىم ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئەردوغانغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر