ياشار گۈلەر گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىياس بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە،  گىرېتسىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

2016080
ياشار گۈلەر گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مىنىستىر ياشار گۈلەر گىرېتسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

ياشار گۈلەر سۆھبەتتە، ئەغرىبوزدىكى پلاتانىستوس رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، گىرېتسىيەدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغان.

تۈنۈگۈن گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېنادىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كارىستوس رايونىدا، ئوت ئۆچۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر ئايروپىلان ئىككى ئۇچقۇچىسى بىلەن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر