ئەردوغان: تۈركىيە نىشانىغا يېتەلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساسىي قانۇنغا ئېھتىياجلىق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ نىشانىغا يېتەلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساسىي قانۇنغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2016033
ئەردوغان: تۈركىيە نىشانىغا يېتەلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساسىي قانۇنغا ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتچى ۋە مۇپەتتىشلەر چەك تاشلاش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەر بىر ئۆزگىرىش بىلەن دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۆلچىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىز ۋەزىپىگە باشلىغاندا (2002-يىلى) دۆلىتىمىزنى تۆت چوڭ تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدۇق. بۇلارنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدۇق. ئارىدىن ئۆتكەتكەن 21 يىلدا، دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن ھەر قانداق شارائىت ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، بۇ ۋەدىمىزگە ساداقەت بىلەن ئەمەل قىلىپ كەلدۇق. ساناشقا باشلىساق قانچىلىغان سائەت كېتىدىغان ئىسلاھاتلارنى ۋە لايىھەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق» دېدى.

ئەردوغان قىلىنغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم، ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ نىشانىغا يېتەلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساسىي قانۇننىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە ھەممىگە قۇچاق ئاچىدىغان بىر ئاساسىي قانۇن لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «يېڭى ئاساسىي قانۇن خىزمەتلىرى 28-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش مەزگىلىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر