مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەيىنلەندى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فاتتاھ ئەس سىسى مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسگە ئەمىر ئەل ھامامىنى تەيىنلىدى.

2015025
مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى پىرېزىدېنت سىسىنىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

ئەمىر ئەل ھامامى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت باش ئەلچى سەۋىيىسەگە كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەنقەرەدە ۋاكالەتچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەستىقلىغان ۋە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامە بىلەن تۈركىيەنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە سالىھ مۇتلۇ شەن تەيىنلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر