ھاقان فىدان:  «قانۇنسىز كۆچمەنلىك ئاق دېڭىز دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىستۇر»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان قانۇنسىز كۆچمەنلىككە «ئاق دېڭىز دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس» دەپ باھا بېرىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

2015047
ھاقان فىدان:  «قانۇنسىز كۆچمەنلىك ئاق دېڭىز دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىستۇر»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىر ھاقان فىدان تۈنۈگۈن ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونىنىڭ ساھىبخانلىقىدا رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەرەققىيات ۋە كۆچمەنلەر كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى.

ئاخباراتلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش يىغىنىدا مىنىستىر ھاقان فىدانمۇ نۇتۇق سۆزلىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز كۆچمەنلىكنىڭ ئاق دېڭىز دۆلەتلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئورتاق خىرىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھاقان فىدان، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر فىدان كۆچمەنلىك دولقۇنىنى توختىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن توقۇنۇش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تۈگىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈك بۆلۈشۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىنساننىڭ غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا شۇنداقلا خوشپىئىللىق مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر