ئەنقەرە سوتى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن دانىيەلىك راسمۇس پالۇداننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

ئەنقەرە 8-جىنايى ئىشلار سوتى ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچى، قاتتىق يۆنىلىش پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

2013941
ئەنقەرە سوتى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن دانىيەلىك راسمۇس پالۇداننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن پالۇدانغا قارىتا «ئامما تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان دىنىي قىممەت قاراشلارنى ئاشكارا ھاقارەتلەش» جىنايىتى بىلەن ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسدە تۇرغۇزۇلغان دېلو ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

باش تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ئەنقەرە 8-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ پالۇدانغا قارىتا مەھكىمىدە بايانات بېرىشى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

سوت مەھكىمىسى بۇ تەلەپكە بىنائەت راسمۇس پالۇدانغا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر