ئەردوغان قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى.

2013182
ئەردوغان قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

مۇراسىمدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى، ئاندىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ئايرىم كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈش ھارپىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىغا «گەملىكنىڭ سىمۋولى بولغان كۆك رەكلىك» توگ ئاپتوموبىلىنى ھەدىيە قىلدى، ئىككى رەھبەر لۇسايىل سارىيىنىڭ ھويلىسىدا بىر مەزگىل توگنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئەردوغان ئايرىم ئۇچرىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىناغا ئالسانى ھەيدىگەن توگ ئاپتوموبىلى بىلەن ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى شەرىپىگە بەرگەن رەسمىي كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

لۇسايىل سارىيىدىكى كەچلىك تاماق زىياپىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە بېرىلدى.

 ئەردوغان قاتار زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، پارىس قولتۇقى ئەللىرى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراپ يولغا چىقتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتى ھەققىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى دوھادا كۈتۈۋالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىمەن.»

 «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد چىراغلىرىنى ياندۇرىدىغان پۇرسەتلەرگە ئايلاندۇرۇش ۋە يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، ئىككى قېرىنداش دۆلەتنىڭ خەلقلىرىگە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولدۇق.»

قاتار ئەمىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن  نۆۋەتتە رايون ۋە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر