تۈركىيە - قاتار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.

2013198
تۈركىيە - قاتار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى قېرىنداش دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چىن دىلدىن ئارزۇ قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى رىياسەتچىلىكىدە قاتاردىكى لۇسائىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ بېشىدا، تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم  ئال سانى تەرىپىدىن ئىمزالانغان بىرلەشمە باياناتتا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنىڭ تەبرىكلەنگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغان 1973 – يىلىدىن تارتىپ تاكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق باسقۇچىغا كەلگەنگە قەدەر سۈپەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە قاتار ئەمىرى ئال سانىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋىتى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان يىلتىزى چوڭقۇر تارىخىي مۇناسىۋەت؛ چۈنكى ئىككى دۆلەت قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقلىق روھى بىلەن، ئۆز تارىخىدىكى نۇرغۇن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدا بىر - بىرىنى ئىككىلەنمەستىن قوللاپ كەلدى.»

بۇلارنىڭ ئاخىرقى ئىپادىسىنىڭ 2023 - يىلى 2 - ئايدا تۈركىيە باشتىن كەچۈرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى جەريانىدا بېرىلگەن ياردەمدە كۆرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا تۆۋەندىكى ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى:

«بۇ ئىتتىپاقلىق روھىنىڭ قاتار دۆلىتىنىڭ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن تۇنجى لەھزىلەردىن باشلاپلا ھاۋا كارىدورى تەسىس قىلىپ، ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن يۆتكەپ، مىڭلارچە تۈركنىڭ ئازاب – ئۇقۇبەتلىرىنى يەڭگىللىتىشكە قوشقان تەڭداشسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەر قايسى ساھەلەردە ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىككى دۆلەت كۆپلىگەن رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوخشاش پوزىتسىيە نامايان قىلماقتا. ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كومىتېت مېخانىزمى، ئەزالىرى 2015 – يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ كېلىۋاتقان ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك كومىتېت ئارقىلىق، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان 100 گە يېقىن ھۆججەت ئىمزالاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مىقدارى جەھەتتە مۇقىم ئېشىشنى باشتىن كەچۈردى. بىز ئىككى قېرىنداش دۆلەت ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر