شاھزادە سەلمان ئەردوغاننى مېھمانخانىسىغا <توگگ> بىلەن ئاپىرىپ قويدى

شاھزادە سەلمان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى نى ياخشى كۆردى.

2013111
شاھزادە سەلمان ئەردوغاننى مېھمانخانىسىغا <توگگ> بىلەن ئاپىرىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنغان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى <توگگ>نى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇ رەئىس ئەردوغاننىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتى ھەيئىتى ئىچىدە ئورۇن ئالغان سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر تىۋىتتېر ھېسابىدا ئەردوغاننىڭ شاھزادە سەلمانغا <توگگ> نى سوۋغا قىلغان رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

مەھمەت فاتىھ كاچىر شاھزادە سەلماننىڭ <توگگ> نى ياخشى كۆرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ ئىستىكىگە ئاساسەن، سوۋغا قىلىنغان <توگگ> نى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ئۆزى ھەيدىدى. شاھزادەنىڭ ھەيدەش جەريانىدا ئىپادىلىگەن ياقتۇرۇشى دۆلىتىمىز ۋە تۈرك ئىنژېنېرلىرى ئۈچۈن ئىپتىخارلاندۇرغۇچ ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى» دېدى.

ئەردوغان ئايرىم ۋە  ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن شاھزادە سەلمانغا پامۇققەلئە رەڭلىك (يەنى ئاق رەڭلىك) <توگگ>  دىن بىرنى سوۋغا قىلدى.

ئىككى رەھبەر ئەل سالام سارىيىنىڭ ھويلىسىدا خېلى مەزگىلگىچە ئاپتوموبىلنى تەكشۈردى.

شاھزادە سەلمان <توگگ> نى ئۆزى ھەيدىگەن ھالدا ئەردوغاننى مېھمانخانىسىغا ئاپىرىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر