تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش، مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئۇچۇر – ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە تۈرلۈك  كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

2012613
تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان رەھبەرلىكىدىكى ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا  تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بۇراق داغلىئۇغلۇ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ۋەزىرى خالىد ئەلفالىھ تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ۋەزىرى سەلمان بىن يۈسۈف ئەددەۋسەرى  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر – ئالاقە كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش پىلانى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شاھزادە خالىد بىن سەلمان تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئېنېرگىيە ۋىزارىتى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىم لايىھەسى، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋىزىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان ئەسسۇئۇد تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتى بىلەن بايقار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىم لايىھەسى بايقار گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى خالۇق بايراقتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە ۋىزىرى خالىد بىن ھۈسەيىن ئەلبايارى تەرىپىدىن ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر