بۈگۈن 15 - ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 7 - خاتىرە يىلى

بۈگۈن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — فەتۆنىڭ خائىنلارچە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ يەتتىنچى خاتىرە يىلى كۈنى.

2011581
بۈگۈن 15 - ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 7 - خاتىرە يىلى
15 temmuz 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى ۋە پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۆلەتنى زۇلمەتلىك دەۋر پاتقىقىغا ئىتىرمەكچى بولغان فەتۆ ئەزالىرى 2016- يىلى 15- ئىيۇل خائىنلارچە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى.

تۈركىيە دېموكراتىيەسىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان بۇ خائىنلارچە ئۇرۇنۇش، تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەتنى قوغداشتىكى تىللارغا داستان قارشىلىقى نەتىجىسىدە بىتچىت قىلىندى.

دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئورگانلىرىغا، بولۇپمۇ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى 2016 – يىلى 15 - ئىيۇن ئاشكارا قىلغان فەتۆنىڭ قانلىق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن مەيدانلارنى تولدۇرغان پۇقرالارنىڭ قوللىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە خەلقى نامايان قىلغان جاسارەت ۋە قەتئىي ئىرادە سايىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ غەلىبە، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر خىل روھىي ھالەت ۋە دېموكراتىيە ئېڭىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شانلىق قارشىلىق كۆرسىتىش سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بۇ كۈرەشتە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەيدانلارغا چىقىپ ئۆزىنى تانكا ۋە قوراللارنىڭ ئالدىغا ئاتقان 251 ۋەتەنپەرۋەر شېھىت بولدى.

تۈركىيە 15- ئىيۇل غەلبىسىنىڭ 7 – خاتىرە يىلىدا، ۋەتەن ۋە بايراق ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن شاھادەت شەربىتىنى ئىچكەن شېھىتلىرىنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە خاتىرىلىمەكتە.

غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ئەھمىيەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە كۈرەش روھىنى ئىجتىمائىي ئۆزەكتە ھەر دائىم جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە، «15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى» ھەر يىلى ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر