تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى» توغرىسىدا سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەن «ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنلىرى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەشتى.

2007631
تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى» توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەن «ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنلىرى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر گۇلەرنىڭ گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى دېندىئاس بلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى، ئىككى مىنىستىرنىڭ بىر- بىرىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت تىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئىجابىي كۈنتەرتىپنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە سۆھبەت قاناللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇندىن باشقا، مىنىستىر گۇلەر بىلەن مىنىستىر دېندىئاس 11-، 12- ئىيۇل كۈنلىرى لىتۋانىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ناتو باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر