دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 794 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 794 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-يانۋاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە 19 ى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، جەمئىي 320 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، 794 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەتچىسى دېڭىز ئارمىيەسى پولكوۋنىكى زەكى ئاقتۈرك مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «1-يانۋاردىن باشلاپ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 19 ى كەڭ دائىرىلىك، 301 ى ئوتتۇرا تىپلىق بولۇپ، جەمئىي 320 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان 21 تېررورچىنى قوشقاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 794 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. 2015 – يىلى 24 – ئىيۇلدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 38 مىڭ 137 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.