ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2007415
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، پ ك ك غا ئائىت كۆپ ساندا ئوق – دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنچە قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى  يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقان قەھرىمان قىسىملىرىمىز بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى  بىر تەرەپ قىلدى. رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نۇرغۇن ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر