ئەردوغان: فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەرنىڭ يىلتىزىدا مۇستەملىكىچىلىك بار

تۈركىيە جۇمھۇر رەىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيەدە بىر ساقچىنىڭ ئالجىرىيە پۇشتىدىن بولغان ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن پارتلىغان نامايىشلار ئۈستىدە توختىلىپ: «فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەرنىڭ يىلتىزىدا مۇستەملىكىچىلىك بار» دېدى.

2006673
ئەردوغان: فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەرنىڭ يىلتىزىدا مۇستەملىكىچىلىك بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ فىرانسىيەدە ئۆتكەن ھەپتە ساقچىلارنىڭ ئالجىرىيە پۇشتىدىن بولغان بىر ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن پارتلىغان نامايىشلارنىڭ يىلتىزىدا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «زوراۋانلىق زوراۋانلىقنى پەيدا قىلىپ، بۈگۈنكى ۋەقەلەرگە سەۋەب بولدى. تارىختىكىگە ئوخشاش، شامال چىقارغانلار بوران-چاپقۇنغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقان فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قان ئاقماستىن ۋە زوراۋانلىقلار تېخىمۇ زورايماستىن بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى تىلەيمىز» دېدى.

ئۇ ئاممىنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سېلىشنى، كوچىلارغا ئوت قويۇپ، ۋەيران قىلىنىشىنى، ماگېزىنلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى، كوچىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلىش ئۇسۇلى بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«شۇنداقتىمۇ بۇ ئىجتىمائىي پارتلاشتىن مۇستەبىتلەرنىڭ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ناھايىتى ئېنىق. يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان يېڭىدىن بېسىم قىلىش، مەجبۇرلاش ۋە قورقىتىش دولقۇنلىرىغا سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر