تۈركىيەنىڭ پارىژدىكى ئەلچىخانىسى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

تۈركىيەنىڭ پارىژدىكى ئەلچىخانىسى فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان ياكى فىرانسىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن فىرانسىيە مىقياسىغا كېڭەيگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

2005653
تۈركىيەنىڭ پارىژدىكى ئەلچىخانىسى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نائېل م ئىسىملىك ​​ياش شوپۇر ساقچىلارنىڭ ئوقىدا قازا قىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيە مىقياسىدا باشلانغان نارازىلىق نامايىشلىرى سەۋەبىدىن تۈرلۈك قاتناش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى، ئاممىۋى بىنالار، شەخسىي مال- مۈلۈك ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا: «مەزكۇر ۋەقەلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، پارىژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىرانسىيەدىكى پۇقرالىرىمىز ياكى فىرانسىيەگە ساياھەتكە كېلىدىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ھوشيارلىقنى پەۋقۇلئاددە ئۆستۈرۈپ، نامايىش رايونلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن يىراق تۇرۇشى، يەرلىك دائىرىلەر، پارىژدىكى ئەلچىخانىمىز ۋە كونسۇلخانىمىزنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلىرىنى يېقىندىن ئىزچىل كۆزىتىشلىرى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

فىرانسىيەدە ياشايدىغان ياكى بۇ دۆلەتكە ساياھەتكە كەلمەكچى بولغان پۇقرالىرىمىز، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا، تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ كونسۇلخانا ئالاقە مەركىزىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

باياناتتا، پۇقرالارنىڭ كونسۇلخانا ئالاقە مەركىزىنىڭ فىرانسىيەدىكى 0033180146335، تۈركىيەدىكى 00903122922929 تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلسا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر