ئەردوغان رەئىسى ۋە بارزانى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەئىسى نەچىرۋان بارزانى بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفونلاشتى.

2005375
ئەردوغان رەئىسى ۋە بارزانى بىلەن تېلېفونلاشتى
barzani-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ،  تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا، رەھبەرلەرنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مولچىلىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىبراھىم رەئىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر