فىدان ۋېنگىرىيە ۋە پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋېنگىرىيەلىك ۋە پەلەستىنلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشتى.
2005545
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر فىداننىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا مىنىستىرى پېزېر سىججارتو بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭەيتىلىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
فىدان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكى بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.