ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2005134
ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە قۇربان ھېيتنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەرىكەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستاندا ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر