ئەردوغان قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.
2004867
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى:
«ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. قۇربان ھېيتنىڭ ئائىلىلىرىمىزگە، خەلقىمىزگە، ئىسلام ئالەمىگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»