قۇربان ھېيت خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيەدە قۇربان ھېيت خۇشاللىق ۋە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە.

2004878
قۇربان ھېيت خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى بارلىق شەھەرلەردە، كىشىلەر بۈگۈن (28-ئىيۇن) ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرگە سەل بولۇپ ئاقتى. بولۇپمۇ، ئىستانبۇلدا ئاياسوفيائى كەبىر جامەسى كېچە ۋاقتىلىرىدىن تارتىپلا تولۇشقا باشلىدى.

پايتەخت ئەنقەرەنىڭ كوچىلىرى ئەتىگەن سەھەردە ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرگە قاراپ ماڭغان كىشىلەر بىلەن تولدى.

كىشىلەر نامازنى ئوقۇپ، دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جامەلەر ئالدىدا بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر