ئەردوغان ئىران چېگراسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران چېگراسىدىكى «تەندۈرەك ھەربىي بازىسى» دا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «قۇربان ھېيت» تىنى تەبرىكلىدى.

2004521
ئەردوغان ئىران چېگراسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا ۋان زىيارىتى دائىرىسىدە ئىران چېگراسىدىكى «تەندۈرەك ھەربىي بازىسى» دا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇ ھەربىي بازىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىر مەزگىل سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى، ھەمدە ئەردوغانغا زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئەردوغاننىڭ «قۇربان ھېيت» تىنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئەلى يەرلىقايانىڭ تېلېفونى ئارقىلىق ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ «قۇربان ھېيت» تىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، بۇ خىل ھەربىي بازىنىڭ قۇرۇلۇشى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلىدۇ. دەرۋەقە سىلەر دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك كىلاپانى ھېسابلىنىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر