مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن بىرىنى يوقاتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى — MIT سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قامىشلىقى رايونىدا تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن ئابدۇرراھمان چادىرجىنى ئۇجۇقتۇردى.

2003563
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن بىرىنى يوقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى — MIT سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قامىشلىقى رايونىدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى — ئىنتېرپول تەرىپىدىن ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى ئابدۇرراھمان چادىرجىنى ئۇجۇقتۇردى.

پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە «ئەسەد فاراشىن»، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا مەسئۇلى بولغان مەزگىلىدە «ئەسەد ياۋروپا» دېگەندەك يالغان ئىسىملارنى ئىشلەتكەن تېررورچى، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ زەربە ئوبيېكتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

تۈركىيەنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچى ئابدۇرراھمان چادىرجىنى ئىنتېرپولمۇ قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئىزدەۋاتقان ئىدى؛ تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى چادىرجىنىڭ سۈرىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتتى ۋە مۇۋاپىق پەيتتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ئۇجۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر