ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

2002310
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى
erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بايانات ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگە، ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

جون كىربى باياناتتا، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزاتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قىلغان رەھبەرلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ب د ت غىمۇ رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئاشلىق كارىدورىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:  «ب د ت ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈنكى بۇ رايون سىرتىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسمۇ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ھەرىكەتلەرنى تېزلىتىش ۋە بۇ «ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە» كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ يەر شارى يېمەك-ئىچمەك باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ب د ت، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا 2022-يىلى 22- ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى.

2022-يىلى 19- نويابىردىن بېرى 120 كۈن ئۇزارتىلغان كېلىشىمنى 18-مارتتا قايتىدىن ئۇزارتىش قارار قىلىنغان ئىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى 18- ئىيۇل مۇددىتى توشىدىغان كېلىشىمنى قايتا ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر