تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىتالىيە سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىتالىيەدىكى ئاش تاشلاش سەۋەبىدىن بۈگۈن  مىلان ۋە بېرگامو شەھەرلىرىدىن ئىستانبۇلغا قارىتىلغان بەزى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2001763
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىتالىيە سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن بۈگۈن (20-ئىيۇن) مىلان ۋە بېرگامو شەھەرلىرىدىن ئىستانبۇلغا قارىتىلغان بەزى ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىنغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۈگۈن «TK 1873 ئىستانبۇل-مىلان»، «TK 1874 مىلان-ئىستانبۇل»، «TK 1895 ئىستانبۇل-مىلان»، «TK 1896 مىلان-ئىستانبۇل» نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى قاتنىمايدىكەن. شۇنداقلا  ئانادولۇژېتنىڭ «TK 7794 سابىھا گۆكچەن-ئىستانبۇل -بېرگامو» ۋە « TK 779 بېرگامو - سابىھا گۆكچەن» نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىمۇ قاتنىمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر