فىدان بىر قىسىم ئەلچىلەرنىڭ يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۇقتۇردى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىر قىسىم باش ئەلچىلەرنىڭ يېڭى با ئەلچىلىك ۋە دائىمىي ۋەكىللىك ۋەزىپىلىرىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىنىستىر فىدان بىر قىسىم باش ئەلچىلەرنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى ئۇقتۇرۇپ، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىگەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋە ئۇچۇر – ئاخبارات باشقارمىسى باش دېرىكتورى تانجۇ بىلگىچ تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە، دوتسېنت دوكتور مۇجاھىت كۈچۈكيىلماز تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن
مىنىستىر خاقان فىداننىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تۈركىيەنىڭ براتىسلاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇنۇس دەمىرئەر، ۋارشاۋا باش ئەلچىلىكىگە رائۇا ئالپ دەنكتاش، ئاسۇنكىئون باش ئەلچىلىكىگە ياۋۇز كۈل، ماراكەش باش ئەلچىلىكىگە مۇستاپا ئىلكەر قىلىچ، كىيېۋ باش ئەلچىلىكىگە مۇستاپا لەۋەنت بىلگەن، خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمي ۋەكىللىككە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش دېرىكتورى باش ئەلچىسى نەۋزات ئۇيانىك، مادرىد باش ئەلچىلىكىگە نۈكەت كۈچۈكئەل ئەزبەرجى تەيىنلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئىسپانىيەدە ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئىسپانىيەگە بېرىپ ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.