تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدا بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرىكى ئىزمىر ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسىنى  بىر تەرەپ قىلدى.

1999575
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى ساقچى مەمۇرى فەتھى سەكىن شېھىت بولغان ئىزمىر ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن ئابدۇلقادىر قاراساچنى ئىراقنىڭ شىمالىدا  بىر تەرەپ قىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017 – يىلى ساقچى مەمۇرى فەتھى سەكىن  بىلەن  پۈتۈكچى مۇسا جان شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىزمىر ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن «ئەلىشەر چىيا» لەقەملىك ئابدۇلقادىر قاراساچ تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.

تەقىب قىلىش نەتىجىسىدە، مەزكۇر ھۇجۇمنى پىلانلىغۇچىلاردىن بىرى بولغان ۋە «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكى» دىكى «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان ئابدۇلقادىر قاراساچنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئالاھىدە قىسىم مەسئۇلى سەۋىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ  ئىراقنىڭ شىمالىدا  ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، تېررورچى ئابدۇلقادىر قاراساچ بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان تېررورچى ئابدۇلقاھار قاراساچ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مودېل ئايروپىلان ۋە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنىڭمۇ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئىجراچىسى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر