تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە - ناتو تۆت تەرەپ يىغىنى ئەنقەرەدە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1998797
تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە - ناتو تۆت تەرەپ يىغىنى ئەنقەرەدە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ <ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى>نىڭ روھىغا ئاساسەن قۇرۇلغان دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى ئاكىف چاغاتاي قىلىچنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2023 – يىلى 14 – ئىيۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا ناتو ئۆمىكىگە ناتو باش كاتىپ كابىنېتى باشلىقى ستيان جېنسېن، شىۋېتسىيە ئۆمىكىگە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى باش ئەلچى يان كنۇتسون، فىنلاندىيە ئۆمكىگە دائىمىي دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جۇككا سالوۋارا قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر