تۈركىيە چىڭدۇدا كونسۇلخانا ئاچتى

تۈركىيە خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە كونسۇلخانا ئاچتى.

1999209
تۈركىيە چىڭدۇدا كونسۇلخانا ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونسۇلخانىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەنچىڭدۇ شەھىرىدىكى شاڭرى لا مېھمانخانىسىدا تۈرك ۋە خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ زىياپەت بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھاققى مۇسا مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، چىڭدۇدا ئېچىلغان كونسۇلخانىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى، شاڭخەي، خوڭكوڭ، ۋە گۇاڭجۇدىكى كونسۇلخانىلاردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى بەشىنچى دىپلوماتىك ئورنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، كونسۇلخانىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىدىكى شىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ سىرتىدىكى چۇڭچىڭ بىلەن تېخىمۇ جەنۇبىدىكى گۇيجۇ ئۆلكسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ رايونغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا، چىڭدۇدىكى كونسۇلخانىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش يولىدىكى ئەتراپلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر