ئىراقنىڭ شىمالىدا يارىدار بولغان ئىككى ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى» رايونىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يارىدار بولغان ئىككى ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى» رايونىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، پىيادە ئەسكەر سېرژانت جەم ئەخمەت كايا ۋە پىيادە ئەسكەر سېرژانت خەلىل شاھىننىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
باياناتتا، يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا بارلىق قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.