ئەردوغان لەفكوشادا ئاتاتۈرك ئابىدەسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتىدە، پايتەخت لەفكوشادىكى ئاتاتۈرك ئابىدەسىنى زىيارەت قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويدى.

1998601
ئەردوغان لەفكوشادا ئاتاتۈرك ئابىدەسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 28-مايدىكى سايلامدا قايتا سايلانغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇنجى زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن باشلىدى. ئۇ پايتەخت لەفكوشادا ئاتاتۈرك ئابىدەسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، خاتىرە دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى. ئۇ ئارقىدىن ئۆزىنى كۈتۈۋالغان خەلق ئاممىسىغا سالام بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇچرىشىشلاردا، ئارالدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئۇ ئەتە (2023-يىلى 13-ئىيۇن) ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر