ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1997630
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەرمەكتە. <پەنجە – قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. ئارمىيەمىز تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدۇ.»