ئەردوغان: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى پارلامېنتىقا سۇنىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى قايتىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1996368
ئەردوغان: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى پارلامېنتىقا سۇنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (6-ئىيۇن) يېڭى ئىچكى كابىنېتنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىردى.

ئەردوغان يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلاش مۇراسىمىنىڭ تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن 5 مىڭدىن ئارتۇق مېھماننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مۇراسىمىمىزغا بولۇپمۇ چەت ئەللەردىن كۆپ ساندىكى  ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن بىزنى ئىپتىخارلاندۇردى.»

ئۇ ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك كۈنلەردىكىگە ئوخشاشلا  جاپا – مۇشەققەتلىك كۈنلەردىمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان تۈركىيەنىڭ ھەقىقىي دوستلىرىغا دۆلەت ۋە خەلق نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، بىز ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن كېلىپ بىزگە كۆرسەتكەن ھېسداشلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز.»

يېڭى دەۋردە كەڭ خەلق ئاممىسىغا بەرگەن بارلىق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، ئۆزلىرىنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېنېرگىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەستىن تۈركىيە ئىقتىسادىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇل پاخاللىقى ۋە تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىنى پۇقرالارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

ئۇ يەنە، ئىچكى ئۇرۇش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەر، شان – شەرىپى قوغدالغان ھالدا ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر