تۈركىيە سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە  ئافرىقا ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1991719
تۈركىيە سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە سومالىنىڭ بۇلو مارىر رايونىغا جايلاشقان ئافرىقا ئىتتىپاقى سومالى ئۆتكۈنچى ھەرىكىتى (ATMIS) دە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، سومالىدىكى ئۇگاندا تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تۈركىيەنىڭ قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تىنچلىق ساقلاش قىسملىرى ATMIS خادىملىرىنىڭ ئۆلۈمىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى، سومالى خەلقى، ئۇگاندا خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ سومالىدىكى يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى شۇنداقلا  يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە داۋاملىق سومالىنى قوللايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر