«خىزىر رەئىس» ناملىق ئاستى پاراخوتى سۇغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «خىزىر رەئىس» ناملىق يېڭى تىپتىكى ئىككىنچى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۇغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1991139
«خىزىر رەئىس» ناملىق ئاستى پاراخوتى سۇغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «<خىزىر رەئىس > ناملىق ئىككىنچى سۇ ئاستى پاراخوتىمىز 2023 – يىلى 23 – ماي كۈنى سۇغا چۈشۈرۈلدى. دېڭىز ئارمىيەمىزگە خەيرلىك بولسۇن!»

گۆلجۈك پاراخوت زاۋۇتىدا ياسالغان «خىزىر رەئىس (S-330)» ناملىق  تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتى 2021 – يىلى مارتتا سۇغا چۈشۈرۈلگەنىدى. بۇ لايىھە دائىرىسىدە، « TCGخىزىر رەئىس»  ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن « TCGسەلمان رەئىس»  ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى تۇنجى كەپشەرلەش مۇراسىمى 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

ھاۋادىن مۇستەقىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سىستېمىسى سەپلەنگەن «رەئىس» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بۇ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق سۇ يۈزىگە چىقماستىن سۇ ئاستىدا ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

 تۆۋەن شاۋقۇن يول باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۇزۇن مۇددەت مەخپىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، 40 خادىم سىغىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 68 مېتىر كېلىدۇ، ئېغىرلىقى 2 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر