ئاقار: ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت توختىمايدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تېرروىست يوقىتىلغىچە بۇ كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1990607
ئاقار: ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت توختىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلىق ئۇچرىشىشى» دا سۆز قىلىپ، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە ئۈچۈن «كېچە-كۈندۈز» دېمەي تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە يولىدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ تېررورلۇقتىن باشقا ئاخبارات ياكى ئىقتىساد قاتارلىق يوللار بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھېچقايسىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى. غەربتە بىتەرەپ كۆرۈنگەنلەر، ئاخبارات پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقانلار، <كىشىلىك ھوقۇق> نى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلار سايلامدىن ئىلگىرى بارلىق زەھەرلىرىنى چاچتى، تۈركىيەگە قارشى تۇرۇپ، رەزىل بولدى. ئۇلار داۋاملىق رەزىل بولىدۇ»  دېدى.

ئۇ خەلقنى تېررورلۇقنىڭ بالايىئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەسكەرلىرىمىز تېررورىستلارنىڭ كۇكۇلىسىدىن تۇتۇپ تۇرماقتا. ھازىر ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورىستلارنىڭ پىيىدە يۈرۈۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار يا ئۆلىدۇ ياكى تەسلىم بولىدۇ. قانۇن ئورگانلىرىغا تەسلىم بولۇشتىن باشقا چارىسى يوق» دېدى.

ئۇ يەنە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىتچىت بولۇشنىڭ بكشۈكىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تېررورىستلارنىڭ كاتتىباشلىرى خوجايىنلىرىغا يالۋۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىشىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئىراقنىڭ ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەتلەر توىتىمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە بۇ كۈرەش داۋاملىشىدۇ. ئەسكەرلىرىمىز تېررورىستلار ئۆزى كولىغان ئورەكلەرگە كۆمىدۇ.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر