چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەلىكلەرنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەلىكلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە بىخەتەر ۋە ئادەمگەرچىلىكى قىلىنغان ھالەتتە يولغا سېلىنىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ دەل شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1990704
چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەلىكلەرنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليانىڭ كەپەز رايونىدا خەلققە خىتاب قىلدى؛ ئۇ بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىنىڭ كەڭ جۇغراپىيەلىك رايونغا تارقالغان دۇنياۋى كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر رايوندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە مۇقىم ھالەتتە ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«بىز <دۇنيا بەشتىن چوڭ> دېيىش ئارقىلىق يېڭى بىر تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ: «چۈنكى بۇ تەرتىپ يېتەرسىز، بۇ تەرتىپ دۇنيانىڭ ئۈمىدلىرىگە، دەردلىرىگە چارە ئەمەس، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ، كىرىزىسلەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئاقلىيالمايدۇ» دېدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شانلىق تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ: «تېررورلۇققا نىسبەتەن دۇنيانى تار قىلغىنىمۇ تۈركىيە، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردا تىنچلىقنى مۇرەسسە قىلىۋاتقىنىمۇ، بۈيۈك تۈرك دۇنياسىنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرگىنىمۇ تۈركىيەدۇر. دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ئىرقداشلىرىغا ئىگە چىقىۋاتقىنىمۇ تۈركىيە» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ خاتىرجەملىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك رولىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، رۇسىيە، ئىران، سۈرىيە ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر رايونلارغا قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەنىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ: «شۇنداق، ئۇلارنى (سۈرىيەلىكلەرنى) يولغا سالايلى، ئەمما ئۇلارنى ئىنسانچە ئۇسۇلدا ئادەمگەرچىلىك بىلەن، تۈركلەرگە يارىشىدىغان شەكىلدە يولغا سالايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر