چەت ئەللەردە ئىككىنچى ئايلانمىدا تاشلانغان بېلەت سانى بىرىنچى ئايلانمىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

28 – ماي تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككى ئايلانمىسى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرى بىلەن ھەر قايسى تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى سايلام ساندۇقلىرىغا بېلەت تاشلىغۇچىلار سانى 1 مىليون 889 مىڭ 398 گە يەتتى.

1990598
چەت ئەللەردە ئىككىنچى ئايلانمىدا تاشلانغان بېلەت سانى بىرىنچى ئايلانمىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردە جۇمھۇر رەئىس سايلىمىغا بېلەت تاشلاش مۇددىتى ئاخىرلاشتى.

سايلىغۇچىلار 20- مايدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرى بىلەن ھەر قايسى تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى سايلام ساندۇقلىرىغا بېلەت تاشلىدى.

چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سايلامغا كۆڭۈل بۆلۈشى بېلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان تۈنۈگۈنمۇ داۋام قىلدى.

تۈركىيە ۋاقتى سائەت 23:00 كىچە بولغان جەرياندا تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرى بىلەن ھەر قايسى تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىغانلار سانى 1 مىليون 889 مىڭ 398 گە يەتتى.

سايلامنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسىدا، تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرىدىكى سايلام ساندۇقلىرىغا 1 مىليون 691 مىڭ 287، تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولسا، 148 مىڭ 183 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى دائىرىسىدە تاموژنا ئېغىزلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان بېلەت تاشلاش مۇددىتى 28 – ماي تۈركىيە ۋاقتى سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر