ئاقار: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاخىرلاشقاندا خەلقنىڭ پاراۋانلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ كۈرەش ئاخىرلاشقان ۋە تېررورچىلار پۈتۈنلەي يوقىتىلغاندا خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1990060
ئاقار: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاخىرلاشقاندا خەلقنىڭ پاراۋانلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن (23-ماي) پايتەخت ئەنقەرەدە بەرگەن باياناتىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ كۈرەش ئاخىرلاشقان ۋە تېررورچىلار پۈتۈنلەي يوقىتىلغان چاغدا خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى <گابار تېغى> دۇر. ئىلگىرى <گابار تېغى> تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا نېفىت مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە ئىزچىل خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز، بۇ خىزمىتىمىزنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، <گابار تېغى> نى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»

مىنىستىر ئاقار تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە،  2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان  37 مىڭ 886 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 126 گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاقار تېررورچىلار ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى، چېگرا رايونلىرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە چېگرا ئېغىزلىرىدىن قانۇنسىز ھالدا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 3 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر