مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەدە تېررورچىلار ئۈچۈن ھەيكەل تىكلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1989923
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەدە يوپۇقى ئېچىلغان نېمېس ھەيكىلى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەرمېنىيەدە ئەسكەرلىرىمىزنى ۋە دىپلوماتلىرىمىزنى شېھىت قىلغان تېررورچىلار ئۈچۈن ھەيكەل تىكلەنگەنلىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قەدەمدۇر. ئەرمېنىيەنىڭ ئەمدى بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەرمېنىيەدە ئۆتمۈشتە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ھەمدە ئوسمانلى دەۋرىدە ئەسكەرلىرىمىزنى ۋە دىپلوماتلىرىمىزنى شېھىت قىلغان تېررورچىلار ئۈچۈن ھەيكەل تىكلەش قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قەدەمدۇر» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىزمۇ بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق، ئۈچىنچى دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ھاۋا تەۋەلىكىمىزنى تاقىدۇق. ئەرمېنىيەنىڭ ئەمدى بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشىنى كۈتمەكتىمىز. بىز ئەرمېنىيەگە ھېچقانداق شەرت قويمىدۇق. <بۇ توقۇلما ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىدىن ۋاز كەچسۇن، بىز شۇنىڭغا كۆرە قەدەم تاشلايمىز> دېمىدۇق. ئۇلارمۇ بىزگە <سىلەر شۇنى ئېتىراپ قىلىڭلار> دەپ شەرت قويالمايدۇ. نەتىجىدە تېررورچىلارنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭغا قارىتا بەزى قارشى قەدەملەرنى تاشلىدۇق. ئەگەر ئۇلار تۈزەتمەيدىكەن، بىزمۇ بىر قىسىم قارشى قەدەملەرنى تاشلايمىز. لېكىن بۇ يەردە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن ئەرمېنىيەمۇ سەمىمىي بولۇشى كېرەك. لاچىن كارىدورىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. قاراباغقا قانۇنسىز ئەسكەر ياكى قورال يوللاش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن ۋە ئىغۋاگەرچىلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر