خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن (23-ماي) كەچتە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 126 گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1989945
خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قەيسەرىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 85 مىليون خەلقنى تېررورلۇق بالايىئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇلۇسى ئاقار «تېررورچىلار قەيەردە بولسا، ھۇجۇم نىشانىمىز شۇ يەر» دېگەن چۈشەنچە بىلەن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار «كىرەلمەيدۇ» دېگەن جايلارغا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى، «چىقالمايدۇ» دېگەن جايلارغا چىققانلىقىنى ۋە تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇمران بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئاقار: «2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان 37 مىڭ 866 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ھازىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش نىسبىتى نۆلگە يېقىنلاشتى، تەشكىلاتتىن قېچىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا تولۇق ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىر ئاي ئىچىدە 126 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. تۈنۈگۈن كەچتە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېرورچىلارنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول بار، يا تەسلىم بولىدۇ ياكى يوق بولۇپ تۈگەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر