ئەردوغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ يەنە 2 ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ يەنە 2 ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1987765
ئەردوغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ يەنە 2 ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركىزىدە چەقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

ئەردوغان: «تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەسى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان كېلىشىم بىر قانچە قېتىم ئۇزارتىلدى. ئاخىرقى ئۇزارتىش مۇددىتى توشماقچى ئىدى. دۆلىتىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، رۇسىيەلىك دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئۇكرائىنالىق دوستلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى بىلەن قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«يەر شارى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، بولۇپمۇ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق تەمىناتىغا قولايلىق يارىتىشتا ھايات ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قارارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ئورۇنداپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىزنى توختاتمايمىز. رۇسىيەلىك دوستلىرىمىزمۇ مىكولايېۋ ۋە ئولۋىيە پورتلىرىدىكى تۈركىيە پاراخوتلىرىنىڭ چىقىشىنى توسىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن مىننەتدارمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر