مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئىجابىي بىر كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1986024
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى ۋە گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا: «گىرېتسىيە بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ئىنتايىن ئېغىر ئىختىلاپلار بار» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئەگە دېڭىزىدا قورالسىزلاشتۇرۇلغان ئاراللارنىڭ سالاھىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش شۇنداقلا دېڭىز تەۋەلىكى ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇلار ھەل قىلىنمىغان ئەھۋالدا ھەر دائىم  جىددىيچىلىك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بىز رۇم، پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋلىرىغا قانداق ھۆرمەت كۆرسەتكەن  بولساق، گىرېتسىيە دائىرىلىرىمۇ غەربىي تراكيادىكى تۈركلەرگە شۇنداق ھۆرمەت كۆرسىتىشى لازىم» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي كېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر