خۇلۇسى ئاقار ئانىلار بايرىمى مۇناشىۋىتى بىلەن شېھىت ئانىلىرىنى زىيارەت قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ: «ئەمدىلىكتە گاباردا تېررورچىلار ئەمەس، نېفىت سودىگەرلىرى  ئايلانماقتا، تېررورلۇقنىڭ ئەمەس، پايدا – مەنپەئەتنىڭ سۆھبىتى بولماقتا» دېدى.

1986030
خۇلۇسى ئاقار ئانىلار بايرىمى مۇناشىۋىتى بىلەن شېھىت ئانىلىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانىلار بايرىمى پائالىيىتىگە قاتنىىشىپ، شېھىتلەرنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى ۋە: «شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا شۇنداقلا غازىيلارغا بىزدەك ئىگە چىقىدىغان باشقا دۆلەت يوق، ئەمما بىز نېمىلا قىلايلى يەنىلا ئاز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

خۇلۇسى ئاقار ھەر قانداق بىر زېمىننىڭ ۋەتەنگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېھتىياج بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز شېھىتلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىنىمۇ يەردە قويمىدۇق، ھەممىسىنىڭ ھېسابىنى ئالدۇق» دېدى.

قەيسەرىدە پۇقرالار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان خۇلۇسى ئاقار بۇ ئالىيجاناب مىللەتنى تېررورلۇق بالاسىدىن قۇتۇلدۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:  «بىز تېررورچىلارنىڭ پىيىدىمىز. بۇلار ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قاچتى. مەھمەتچىك ئەسكەرلىرىمىز قوغلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بوينى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ چاڭگىلىدا. بىز تېرورچىلارنى ئۇۋىلىرىغا، پاناھجايلرىغا، ئىسكىلات ۋە قازغان ئورەكلىرىگە كۆمدۇق ھەمدە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېدى.

تېررورچىلارنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول بارلىقىنى، بۇلاردىن بىرسىنىڭ ئادالەتكە تەسلىم بولۇش، يەنە بىرىسىنىڭ بولسا، يوقىلىپ تۈگەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان خۇلۇسى ئاقار تېررورچىلارنىڭ ئېغىر گۇمران بولۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، «ئەمدىلىكتە گاباردا تېررورچىلار ئەمەس، نېفىت سودىگەرلىرى ئايلانماقتا. تېررورلۇقنىڭ ئەمەس، پايدا – مەنپەئەتنىڭ سۆھبىتى بولماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر