<ئەرەن خاتىرجەملىك باھار-ياز  1- ھەرىكىتى> دائىرىسىدە، ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

دائىرىسىدە، 579 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1985320
<ئەرەن خاتىرجەملىك باھار-ياز  1- ھەرىكىتى> دائىرىسىدە، ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  2023-يىلى ئەتىيازلىق تۇنجى ھەرىكەت بولغان «ئەرەن خاتىرجەملىك باھار-ياز1- ھەرىكىتى» ۋە «شېھىت ژاندارما پېشقەدەم سېرژانت ئوغۇزخان ئاردۇچ ھەرىكىتى، دىيارباكىر ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ماسلىشىشى، دىيارباكىر ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قوماندانلىقى، ژاندارما ئالاھىدە قىسىملىرى، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى خدادىملىرى ھەمدە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت باتالىيون، 58 ئەترەت، 579 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنى ژاندارما ئالاھىدە قىسىملىرى، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى خدادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى تېررورچى «1 M-16  پىيادە ئەسكەر مىلتىقى» ۋە «1 AK-47» پىيادە مىلتىقى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئوق-دورا، يېمەك-ئىچمەك ھەمدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر