تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى دىپلوماتلىرى سۇدان پورتىغا ئورۇنلاشتى

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1985338
تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى دىپلوماتلىرى سۇدان پورتىغا ئورۇنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۇداندا 15 – ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار تۈپەيلى تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ پورت سۇدان (سۇدان پۇرتى)غا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇداندىكى توقۇنۇشلارنىڭ كوچا ئۇرۇشلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى ئەلچىخانىسى جايلاشقان مەھەللە ۋە كوچىلاردا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەلچىخانىنى ۋاقىتلىق سۇدان پورتىغا يۆتكەشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى، ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ بۈگۈن سۇدان پورتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 6 - ماي كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان جەرياندا ئەلچىخانا ماشىنىسىغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئوقنىڭ ئەلچىخانا ماشىنىسىغا تەگكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلار ھەتتا تېخىمۇ كۈچلۈك قوراللارنىمۇ سىناپ باقتى. ئايروپىلانىمىزمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەمەلىيەتتە، بىز بۇ يەردە تەرەپ تۇتمايمىز. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىزگە ھۆرمىتى بار. گويا بۇ يەردە باشقا بىر كۈچ بىزنى ئىشنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇ يەردە غەربلىكلەر بار، تەرەپ تۇتۇۋاتقان رايون دۆلەتلىرىمۇ بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر