ئالتۇن: دىجىتال خىرىسقا قارشى خەلقئارالىق تەرتىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قانۇن ۋە ئەخلاق چېگراسىنى تونۇمايدىغان ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشلەرگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن «خەلقئارا دىجىتال قانۇن تەرتىپى» بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1984315
ئالتۇن: دىجىتال خىرىسقا قارشى خەلقئارالىق تەرتىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مېتاۋېرس (Metaverse) سۇپىسىنى تونىتىش يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ ھېچقانداق قانۇن ۋە ئەخلاق چېگراسىنى تونىمىغان ئۇچۇر ھەمبەھرلەشلەرگە دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەشتە دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئورتاق تونۇش بىلەن خەلقئارالىق دىجىتال (رەقەملىك) قانۇن تەرتىپىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ خەلقئارالىق تۈزۈمى چوقۇم تېز سۈرئەتتە دىجىتال خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم خەلقئارالىق قانۇن تەرتىپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر