چاۋۇشئوغلۇ: موسكۋا يىغىنىدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى بىخەتەر ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بىخەتەر ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئاساس تييارلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپكە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
چاۋۇشئوغلۇ 10-ماي كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بىخەتەر ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئاساسلارنى تەييارلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئۆز دۆلىتىگە بىخەتەر ھالدا قايتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرنى قەيت قىلدى.
ئۇ ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى 550 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنىڭ تۈركىيە تېررورچىلاردىن تازىلىغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا قايتقانلىقىنى، قالغانلىرىنىمۇ بىخەتەر ھالدا قايتۇرۇش ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن سىرت يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى لازىملىقىنى بايان قىلدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاساس تەييارلانغان ھامان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئۆز دۆلىتىگە پىلان دائىرىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشى ئۈچۈن كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بىخەتەر ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇساپىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن سۈرىيەلىكلەرنىڭ قايتىشىنى خالايدۇ، ئەمما ھازىر سۈرىيەلىكلەرنىڭ قايتىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئامانلىقى، ئېھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇپ- قاندۇرۇلماسلىقى مەسىلىسى تېخى ھەل بولغىنى يوق. نۆۋەتتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلالمايۋاتىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.