ئاقار 39 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 8 كۈن ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 39 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
1983319
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار قەيسەرىدە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرۇلماقچى بولغان تېررورىزم كارىدورى پىلانىنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى، تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزم تېخى ئاخىرلاشمىدى. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 8 كۈن ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 39 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»