ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئالاھىدە قىسىم ئەشيا ئوبوروتى كاتتىبېشى نەچىرۋان سېۋېن بىر تەرەپ قىلىندى.

1983115
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئالاھىدە قىسىم ئەشيا ئوبوروتى كاتتىبېشى نەچىرۋان سېۋېن بىر تەرەپ قىلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «فىراز زىلان» لەقەملىك نېچىرۋان سېۋېن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى  كوچا نامايىشلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇملارغا قاتناشقان.

مەزكۇر تېررورچىنىڭ 2015-يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

تېررورچى سېۋېن ئىراقنىڭ شىمالىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى پائالىيەتلىرىدىكى رولى سەۋەبلىك تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا تېررورچى سېۋېننى بىر تەرەپ قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار ئىشلەتكەن غار، ئۆڭكۈر  ۋە ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا  بىر-بىرلەپ كىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلار ئىشلەتكەن غار، ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا نۇرغۇن پارتلاتقۇچ بۇيۇم، قورال - ياراغ ۋە ئوق-دورا قاتارلىقلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر